خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»دىن پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى نىشانغا ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا پاراكەندىچىلىك سېلىش، قولغا ئېلىش قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يامىنى مىشرا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ بىر يىل ئىچىدە خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى خوڭكوڭنى ناھايىتى تېزلا ساقچى دۆلىتى بولۇش يولىغا ماڭغۇزدى. ئۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق جىددىيلىكىنى پەيدا قىلدى. باستۇرۇش خاراكتېرلىك قانۇن بەلكىم بۇ شەھەرنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق قەھەتچىلىكى كۆرۈلگەن يەرگە ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن» دېگەن.
47 بەتلىك دوكلاتتا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سوت ھۆكۈمى، سوت خاتىرىلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن قىلغان سۆھبەتلەر ئانالىز قىلىنىپ، بۇ قانۇننىڭ كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقى يەكۈنلەنگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلى 100 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان، 60 دىن ئارتۇق كىشى ئەيىبلەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن يالغان باھانە سۈپىتىدە قوللىنىلدى» دەپ خۇلاسە چىقارغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىدىكى ئاسىيا مۇتەخەسسىسى تېرېسا بېرگمان بۇ ھەقتە: «بۇ قانۇن ئۆتكەن بىر يىلدا خوڭكوڭنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋەھىمە پەيدا قىلدى. سىياسىي ساھەدىن مەدەنىيەت ۋە مائارىپقىچە بولغان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا بۇ كەيپىياتنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتتا خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى بىكار قىلىشقا، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاي ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە تەشكىللەشكە چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇلتۇر 30-ئىيۇن «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، «ئاغدۇرمىچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ۋە تېررورلۇق» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن خەلقنى باستۇرۇشقا باشلىغان. نۇرغۇنلىغان داڭلىق دېموكراتچىل شەخسلەر بۇ يېڭى قانۇن ئارقىلىق ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ياكى چەت ئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان.