G20 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۆز مەيدانىنى تەكىتلەشتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 29-ئىيۇن ئىتالىيەدە يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنىدا كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىسى ئاساسلىق تېمىغا ئايلانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنمۇ تىرامپ دەۋرىدە ئاجىزلىتىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قايتا تەكىتلەپ: «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا سەھىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل» دېگەن. ئىتالىيە باش مىنىستىرى دىراگى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويۇشنى قوللىغان.
خەۋەردە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ بۇزۇلۇپ، باشتىن-ئاخىر مالىمانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى، گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەمكارلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچە دۆلەتلەر يەككە ھەرىكەت قىلىشنى خالىغانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ تالاش-تارتىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا سەپىرىنى ئەمدىلا تاماملىغان ئانتونى بىلىنكېن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئاساسىدا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، يەر شارى ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى سەھىيە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە، ئامېرىكىنىڭ نامرات دۆلەتلەرگە ئىككى مىليارد دوللار ياردەم قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېنمۇ 500 مىليون ۋاكسىنا ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەندىن باشقا، ۋاكسىنا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، پاتېنت ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا كەلمىگەن بولۇپ، پەقەت سىن ئارقىلىق قاتناشقان. ئۇ يىغىندا گەرچە ئامېرىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما «كۆپ تەرەپلىمىلىك نامىدا بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر يىغىن 10-ئايدا رىمدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭ بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 12979 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2021 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق