فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 29-ئىيۇن فىرانسىيەنىڭ 50 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، پارلامېنتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى فىرانسىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى فىرېدېرىك دۇئامس خانىمنىڭ باشچىلىقىدا سۇنۇلغان. ئۇ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇپ: «بىز پارلامېنتنىڭ 47 ئەزاسى بۇ تەكلىپنى پارلامېنتقا سۇنۇشنى قارار قىلدۇق. بۇندىن كېيىن بۇ سەپكە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز پارلامېنتتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلدۇق. شىنجاڭدا باستۇرۇلۇۋاتقان مىللەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى قازاق، تۇڭگان قاتارلىق باشقا مىللەتلەرمۇ بار. فىرانسىيە بۇ جەھەتتە باشقا دۆلەتلەردىن خېلىلا ئارقىدا قالدى دەپ قارايمىز. ئەنگلىيە، گوللاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ياكى پارلامېنتلىرى ئاللىقاچان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، خىتايغا خەلقئارالىق جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «فىرانسىيە تېخىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى مۇزاكىرە قىلماقتا. ئەمما بىزگە نىسبەتەن بۇ نۇقتىدا قىلچە شەك يوق. بىزدە نۇرغۇن يازما، سۈرەت، سىن ۋە باشقا نۇرغۇن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىسپاتلار بار. بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قەسەم قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا تەستىقلىنىشىدا نۇرغۇن توسالغۇلار بار ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان 47 پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھېچقايسىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن ئەمەس ئىكەن. قانۇن لايىھەسىنىڭ قاچان ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشمۇ تەس ئىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر خانىم فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىغا بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ قانۇن تەكلىپنىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ھەر قېتىم خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەش، جازا يۈرگۈزۈشكە ئوخشاش قانۇن لايىھەلىرى ماقۇللانغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەھەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۈمىد بېغىشلاپ، ئىتتەرگۈچ كۈچ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 13236 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق