چېن چۈەنگو مېڭە يۇيۇش ۋە ساختا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 26-ئىيۇن مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن.
يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىق قورچاق ئەمەلدار قاتناشقان. چېن چۈەنگو يىغىندا «قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك»لىكىنى تەكىتلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان مېڭە يۇيۇش، ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
چېن چۈەنگو يىغىندا يەنە: «قەتئىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭىشىشى، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن.
چېن چۈەنگو يەنە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بايان قىلىش سىستېمىسى ۋە تارقىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلام، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ئالدىنقى كۈنلەردە نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خىتاينىڭ سىستېمىلىق تەشۋىقات ھۇجۇمى ھەققىدە يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ھۇجۇمىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلدى، دەپ ئېلان قىلغاندىن تارتىپ باشلانغانلىقى ۋە قايسى تەرىقىدە تارقىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ھەقتە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق چېن چۈەنگو يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىۋاتقان خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ۋە تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان دوكلاتلارنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ كۈچلۈك ساختا تەشۋىقات ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

بۇ خەۋەر 13063 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2021 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق