ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە خىتايغا قارشى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ خىتايغا قارشى نىشانى ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدە ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ بىلىنكېننىڭ تۇنجى قېتىم فىرانسيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئەمەس، ئەمما ئەركىن ۋە ئوچۇق خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشتا بىز دەست تۇرىمىز» دېگەن.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر بىز بۇ ئىشنى قىلمىساق، ئۇنداقتا تەرتىپىنى يوقاتقان قالايمىقان دۇنيا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ تەرتىپىنى يوقاتقان دۇنيا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ توقۇنۇشقا ياكى بىز قاتنىشىشىمىز، ياكى دۇنيا خىتاي تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئىككى دۆلەت خىرىسقا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ھەمكارلىشىشى زۆرۈر. بۇ ۋىرۇس يۇقۇمىدىن خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگىچە بولغان خىرىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەسىلىلەردە ماسلىشىش ۋە ئورتاق تىرىشىش ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
بىلىنكېن شۇ كۈنى ئەتىگەندە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىيان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، كېلەر ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يايىر لاپىد بىلەن ئىتالىيەدە كۆرۈشۈش پىلانى ھەققىدە توختالغان ۋە نىشانىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى قايتا تىكلەشكە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 13332 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2021 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق