ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئالقىشقا ئېرىشتى

بۈگۈن تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتى دېدېمان مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇسابىقىگە ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىدىن 17 ياشلىق ئىمران ئابلىز بىلەن ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر قاتناشقان بولۇپ، ماھىرلار مۇسابىقە مەيدانىغا دوپپا كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
باشتا ماھىرلاردىن ئىمران ئابلىز ئىرانلىق ماھىر شۈكۈر ئەلۋازايى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. مۇسابىقە داۋامىدا ئىمران ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقىبىنى مۇداپىئە ھەم ھۇجۇم جەھەتتىن ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى. ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا رەقىبىنى بىر قېتىم ئۇرۇپ سەھنىدىن چۈشۈرۈۋېتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاخىرىدا باھالىغۇچىلار ئىككى ماھىرنىڭ نەتىجىسىنىڭ تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىمراننىڭ رەقىبى 22 ياشلىق شۈكۈر ئەلۋازايى بىر نەچچە قېتىم كەسپىي مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئىمراننىڭ ياش ۋە تەجرىبە جەھەتتە رەقىبىگە يەتمەيدىغان ھالەتتىمۇ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ھەممىنى سۆيۈندۈردى.
ئارقىدىن ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ يەنە بىر ماھىرى ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر ئىرانلىق ماھىر فېررۇز ناجابى مۇسابىقىگە چۈشتى. ئابدۇراھماننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، ماھارەتلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
ئاتامان جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى خالىد ئاتامان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىرلىرىنىڭ ئۆگەنگەن ماھارەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن جارى قىلدۇرغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ھەمدە كۈچىنى تولۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ماھارەت مەشىقلىرىنى كۆپ قىلىش بىلەن بىرگە، چوڭ مۇسابىقىلەرگە كۆپلەپ قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 13694 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2021 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق