ھىندىستان چېگرادىكى ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتتى

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان چېگرا رايونىدا داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتكەن بولۇپ، ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، دەپ قارالماقتا.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان يېقىندا كەم دېگەندە 50 مىڭ ياردەمچى قىسىمنى چېگرا رايونغا يۆتكىگەن. ئەسكەر كۆپەيتىلگەن بۇ مەزگىلدە ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىنگى 27-ئىيۇن لاداخ رايونىدا ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. ئۆتكەن يىلى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق چېگرا توقۇنۇشىدىن كېيىن، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پاكىستان بىلەن بولغان زىددىيەتنى پەسەيتىپ، كۈچىنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا قاراتقان.

ھىندىستاننىڭ چېگراغا ئەسكەر كۆپەيتكەنلىك ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار تۆت كىشىنىڭ بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ھىندىستان ئەسكەرلىرى ۋە كۈرەشچى قىسىملىرىنى خىتاي بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چېگرادىكى ئوخشىمىغان ئۈچ رايونغا يۆتكىگەن. ھازىر ھىندىستاندا 200 مىڭ ئەسكەر چېگرا رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %40 كۆپەيتىلگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ چېگراغا ئورۇنلاشقان ئەسكەرلىرى ئاساسلىقى خىتاينىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىم ئەسكەرلەرنىڭ كۆپەيتىلىشى ھۇجۇم خاراكتېرلىك مۇداپىئە بولۇپ، ھىندىستان تەرەپنىڭ قوماندانلىرىغا خىتايغا ھۇجۇم قىلىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا زېمىن ئىگىلەش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقى بېرىدىكەن.

گەرچە خىتاينىڭ چېگرا رايونلارغا قانچىلىك ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىلۇمبېرگنىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ھىندىستان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ھەربىي رايونىغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ خىتاي ئەسكەرلىرى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ھىمالايا تېغىدىكى رايونلارنى چارلاشقا مەسئۇل بولغان. خىتاي تىبەتتىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان چېگرا بويىدا يېڭى ئۇچۇش يولى قۇرۇلۇشلىرى، كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش پونكىتى ۋە يېڭى ئايرودۇرۇملارنى قۇرغان. شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بۇ رايونغا ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەك، تانكا ۋە قوش موتورلۇق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 28-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇقىم، ئىككى تەرەپ ئالاقىدار چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋەزىيەتكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك» دېگەن.

بۇ خەۋەر 13275 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2021 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق