خىتاي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىشكە مەجبۇر بولماقتا

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىدەك بىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن خىتاي كەلگۈسى بەش يىلدا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي پىلان كومىتېتى بولغان تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۈمە كۈنى مۇقىم باھالىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش پىلانىنى بېسىپ تارقاتقان.
خىتاي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە خىتايدا 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سانى 260 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18.7نى ئىگىلىگەن بولۇپ، كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ سانى يىلىغا تەخمىنەن 10 مىليونلۇق سۈرئەت بىلەن كۆپىيىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياج داۋاملىق ئاشىدىكەن. مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولغان تەلەپلەرمۇ كۆپىيىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى نوپۇس قېرىلىشىشى كىرىزىسى سەۋەبلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى، ئائىلە يۈكى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بېسىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ نوپۇسنىڭ قېرىشى ياشانغانلار ئىشلىتىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خىتاي نوپۇس تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇ يىل 11-ماي 7-قېتىملىق ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليارد 411 مىليون 780 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %18نى ئىگىلىگەن. ئەمما قېرىلىشىش ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەش كىرىزىسى خىتاينىڭ يېڭى باش قېتىنچىلىقىغا ئايلىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خەۋەر 1496 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2021 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق