ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى: خىتاي كومپارتىيەسى مەۋجۇت بولمىغان شۇ كۈننى كۈتىمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈز يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى قارار ماقۇللاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن بىر ئەسىردە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈزۈل-كېسىل دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
25-ئىيۇن ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايك گالاگېر (Mike Gallagher) ئىككى پارتىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خىتاي خەلقى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ئېلان قىلغان.
«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» مەزكۇر قارارنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، قاراردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە زۇلۇم، قىيناش، كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە سولاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋە ئوخشاش پىكىردىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قوللاشقا چاقىرىدىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى مەۋجۇت بولمىغان شۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قاراردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىختىكى بىر قاتار رەزىل قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى 1940-يىللاردا يولغا قويغان «ئومۇميۈزلۈك يەر ئىسلاھاتى ھەرىكىتى»دە ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 1949-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقى، 1951-يىلى تىبەتنى يۇتۇۋالغانلىقى، دالاي لامانى 1959-يىلى چەت ئەلگە قېچىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ماۋ زېدۇڭنىڭ 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1960-يىللارنىڭ بېشىغىچە قوزغىغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» ھەرىكىتىنىڭ تارىختىكى ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ ئېغىر ئاپەتكە تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇلاردىن سىرت خىتاينىڭ دېھقانچىلىقنى كوپىراتىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە 40 مىليونغا يېقىن پۇقرانىڭ ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، 1966-يىلى ماۋ زېدۇڭ قوزغىغان، ئون يىل داۋاملاشقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىليونلىغان پۇقرالارنى خالىغانچە قولغا ئېلىپ قىينىغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى، 1979-يىلدىن 2015-يىلغىچە يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئارقىلىق مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ كۆپ بالىلىق بولۇشىنى چەكلەپ، بىر بالىلىق بولۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر قاراردا يەنە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيەنى قوللاش نامايىشىنى باستۇرغانلىقى ۋە نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىندا خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقى قايتا تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 2302 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2021 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق