نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىلانلىق تەشۋىقات ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىجرا قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىگە ئىنكاس قايتۇرغان مەزگىلدىن باشلاپ، خىتاي زور كۈچ بىلەن چەت ئەلگە قارىتىلغان يالغان تەشۋىقات ھۇجۇمى ئارقىلىق دۇنيا جامائەت پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بىلەن پايدا ئالمايدىغان ئاخبارات تەكشۈرۈش تەھرىرات ئىشخانىسى «پىروپابلىكا» (ProPublica) بىرلىكتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان 3000 دىن ئارتۇق سىننى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە خىتاي رېجىمىنىڭ پىلانلىق ئىجرا قىلىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكىتى ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بايقاپ چىققان.
ئۇلارنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تارقاتقان سىنلار ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەلۇم جايدا تاراتقۇلىرىنىڭ ئەپلىرىگە يوللانغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ باشقا تور سۇپىلىرىغا يۆتكەلگەن. ئاخىرىدا تىۋىتتېر، يۇتيۇب قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ئىنگلىزچە خەتلىك ھالەتتە تارقىلىشقا باشلىغان. بۇ سۇپىلاردىكى خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم ھېساباتلار مەزكۇر سىنلارنى توختىماي ھەمبەھرىلىگەن. ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتلىرى مەزكۇر سىنلارنى نەقىل قىلىپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
گەرچە بۇ سىنلارنىڭ باش پېرسوناژلىرى ئوخشىمىغان تەبىقە ۋە كەسىپلەردىن كەلگەن ھەرخىل ياشتىكى ئەر-ئاياللار بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئىشلەتكەن ئىبارىلەر ۋە جۈملە قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشايدىغانلىقى بايقالغان. مەسىلەن: يۇتيۇب ۋە تىۋىتتېردا تارقالغان 2000 دىن ئارتۇق سىننىڭ ئىچىدىكى كەم دېگەندە 280 سىندا «شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان» دېگەن سۆز ئوخشاش تەكرارلانغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىتاي ئەرنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئەر بۇ سىننى يەرلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ئىشلەپ تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار يەنە تىۋىتتېردا بۇ خىل سىنلارنى ھەمبەھرىلىگەن 300 دىن ئارتۇق ھېساباتنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، بۇ ھېساباتلارنىڭ يېقىنقى ئايلاردا تىزىملىتىلغانلىقىنى ئېنىقلانغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلارغا ئەگەشمىگەن بولۇپ، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سانىمۇ بەشكە يەتمەيدىكەن. ئۇلار بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت ئوندىن كەچ سائەت سەككىزگىچە ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يوقلۇقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقات ھۇجۇمى بۇ يىل 19-يانۋار، يەنى ئامېرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغان كۈنى باشلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرى شۇ كۈندىن تارتىپ پومپېيونى تەنقىدلەپلا قالماي، يەنە «يالغان-ياۋىداق، قۇرۇق گەپ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 دىن ئارتۇق سىن تارقاتقان.
بۇندىن ئىلگىرىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك دائىرىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى يالغان گۇۋاھلىق ۋىدىيوسى تارقىتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ھەتتا مەزمۇنىنىمۇ بېكىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 2267 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2021 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق