ئۇكرائىنا خىتاينىڭ تەھدىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرلەشمە باياناتتىن چېكىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا خىتاينىڭ ۋاكسىنا سېتىپ بەرمەسلىك تەھدىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق باياناتىدىن چېكىنىپ چىققان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى دىپلوماتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇكرائىنانى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاينى ئەيىبلىگەن باياناتنى قوللاشتىن ۋاز كەچمىسە، ئۇكرائىناغا ئەۋەتىدىغان 500 مىڭ ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان، بۇ سەۋەبلىك ئۇكرائىنا تەرەپ باياناتتىن چېكىنگەن.
22-ئىيۇن جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا، كانادانىڭ باشچىلىقىدىكى 40 نەچچە دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى ئەۋەتىشكە چاقىرغان ئىدى ۋە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىنامۇ بار ئىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا دەسلەپكى قەدەمدە خىتاينىڭ كېشىڭ بىيوتېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر مىليون 900 مىڭ تال ۋاكسىنىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان. 5-ئاينىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرى ئۇكرائىنانىڭ ئاللىبۇرۇن بىر مىليون 200 مىڭ ۋاكسىنىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇندىن ئىلگىرى خىتاي ب د ت دا دىپلوماتىك چەمبىرىكىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئىزچىل بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ باياناتىنى قوللاپ ئىپادە بىلدۈرۈشنى ياكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىدلەيدىغان ياكى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان باياناتلارنى قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
بىر قىسىم دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىم ئۇكرائىناغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشكە قارىماستىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى تەنقىدلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1607 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2021 13:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق