يۇتيۇب شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بەزى گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرىنى يۇيۇۋەتكەن

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئاتا يۇرت»نىڭ يۇتيۇب قانىلىدا ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالالمىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بەزى گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى يۇيۇۋېتىلگەن.
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى بايانلىرى ھازىرغىچە مىليونلىغان قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، سىنلارنىڭ ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىمۇ بار ئىكەن.
ئاتا يۇرت تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا دىققەت قوزغىغان بولۇپ، 2017-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. تەشكىلاتنىڭ يۇتيۇبدىكى قانالنى باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا رەئىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ھۆكۈمەتنىڭ بەش يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشىدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاتا يۇرت تەشكىلاتى يۇتيۇب قانىلىدا 2017-يىلدىن بۇيان 11 مىڭغا يېقىن سىن يوللانغان بولۇپ، جەمئىي كۆرۈلۈش قېتىم سانى 120 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. مىڭلىغان كىشى شەرقىي تۈركىستاندا يوقاپ كېتىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.
يۇتيۇب ئاتايۇرتنىڭ قانىلىدىكى 12 ۋىدىيونى «تور ھۇجۇمى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش» نامىدا 15-ئىيۇن «يۇتۇب قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش» باھانىسى بىلەن چەكلىۋەتكەن.
يۇتۇب بەزى سىنلاردا كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئاتايۇرت بۇنداق قىلىشنىڭ مەزكۇر سىنلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ رەت قىلغان.
ئاتايۇرت نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ سىنلارنىڭ چەكلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئودىيسى سۇپىسىدا ھېسابات ئاچقان. ئودىيسى شىركىتىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن سۆزىدە، ئاتايۇرتنىڭ بۇ سۇپىغا كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1684 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق