خىتاي ۋىرۇسنىڭ يۇقۇم تارىخىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى

ھۆرىيەت خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى ۋىرۇسنىڭ «باشلانغۇچ نۇقتىسى» دەپ ئاتالغان ۋۇخەنگە قارىتا ناھايىتى تالاش-تارتىش قوزغىغان بىر قەدەم تاشلىغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىغا ئالاقىدار دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ كەتكەنلىكىگە ئائىت يېڭى پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بۇ مەسىلە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ «ۋۇخەننى خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلارغا ئېچىۋېتىش» چاقىرىقىدىن كېيىن، خىتاي چاقماق تېزلىكىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»دىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە مەۋجۇتلۇقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋۇخەندىكى دەسلەپكى كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
سېئاتىلدىكى فىرېد خاچىنسون راك مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېسې بىلۇم: «خىتاي ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بالدۇر تارقىلىشى يەنىلا بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە» دېگەن ۋە خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي سەۋەبى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي بۇ مەلۇماتلارنى ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى مەۋجۇتلۇقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۆچۈرگەندەك قىلىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
بىلۇم بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە: «ۋۇخەندىكى ئەڭ دەسلەپكى كېسەللەردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن ئالتۇن كان ئىدى. ئەۋرىشكىلەرنى مەخپىي ئۆچۈرۈپ تاشلىماي، بەلكى ئۇلارنى ئوچۇق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇش تېخىمۇ ئىلمىي بولاتتى» دېگەن.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئالىملىرى يېقىنقى ئالتە يىلدا خىتاي ۋىرۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىيولوگىيەلىك قورال ۋە گېن قوراللىرىنى تەتقىق قىلغان. تىلغا ئېلىنغان ھۆججەتلەردە خىتاي ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خىمىيەلىك ۋە يادرو قوراللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىيولوگىيەلىك قوراللار بىلەن بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ۋە خىتاي ئارمىيەسىگە ئىشلەيدىغان مەزكۇر ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى خىتايغا بولغان گۇماننى قاتتىق كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1553 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق