خىتاي: دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىققا بىرلا دۆلەت سەۋەبچى

سىپاتنىك تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې دۇنيادىكى قالايمىقان ۋەقەلەرنى ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىپ، قائىدە-نىزاملىرىنى دۇنياغا مەجبۇرلاۋاتقان «بىرلا دۆلەت»نىڭ ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ ئىسمىنى ئاتىماي تۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن.
ۋېي فېڭخې موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا سىن ئارقىلىق سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ: «بۈگۈن دۇنيا تەرتىپسىز. قالايمىقان ۋەقەلەر ۋە ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ، پەقەت سوغۇق ئۇرۇش پىسخىكىسىنى تاللىغان، ھوقۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، زومىگەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان دۆلەت، بۇ دۆلەت ئۈچۈن بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئارىلىشىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئىسمىنى ئاتاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولسىمۇ: «بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ قائىدىسىنى بەلگىلەيدۇ، ئىرادىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە تاڭىدۇ، سەۋەبلىك ياكى سەۋەبسىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدۇ، قورشاش، چەكلەش، بۆلۈش، توسۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، جازا يۈرگۈزىدۇ، جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئىنقىلابلارنى مەيدانغا چىقىرىدۇ. بىز بۇنىڭغا بىرلىكتە قارشى چىقىشىمىز كېرەك. ب د ت رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش ۋە ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئاساسلىق رولىنى قوللاش كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1531 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 17:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق