باچلېت: خىتاي ھەمكارلاشمىغان تەقدىرىمۇ لاگېرنى تەكشۈرۈش كېرەك

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچلېت خىتاي ھەمكارلاشمىغان تەقدىردىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئارقىغا تارتىشى سەۋەبلىك باچلېتنىڭ سەۋر قاچىسى توشقان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە غەرب دىپلوماتلىرىمۇ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھەمكارلاشمىغان تەقدىردىمۇ، باچلېت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، باچلېت ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ياكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپى بولمىغان تەقدىردىمۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەققىدە يىراقتىن ئىسپات توپلاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن. باچلېت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۆزىنىڭ باشقا تاللىشىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقتىمۇ زىيارەت مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ھالبۇكى، بۇ سۆھبەت 2018-يىلى 9-ئايدا باشلانغان بولۇپ، خىتاي ھازىرغىچە ئارقىغا تارتىپ كەلگەن.
باچلېت يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىنى داۋاملىق تەھلىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە باھالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سارا بىرۇكس بۇ ھەقتە: «كېيىنكى قەدەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچلېت ئورنىدىن دەس تۇرۇشى لازىم. بىز يەنە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنى خىزمەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋېلىپ خاتالاشماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
باچلېت 21-ئىيۇن بۇ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش شەرتى توغرىسىدا خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، قىيىن-قىستاق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي باچلېتنىڭ سۆزىگە قارشى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «شىنجاڭدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دەپ بىلجىرلىغانىدى. سەيشەنبە كۈنى كانادا باشچىلىقىدىكى 45 دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە باشقا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا چەكلىمىسىز كىرىپ تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشقا، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى.
خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ يۈيىن شۇ كۈنى باچلېتنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەمما بۇ زىيارەت دوستانە زىيارەت بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلىشى، جىنايەت ئارتىش مەقسەت قىلىنماسلىقى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1694 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق