گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ جاكارلىدى

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە ب د ت نى شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشكە چاقىرغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر باياناتقا سوتسىيال دېموكراتچىلار پارتىيەسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە ئىمزا قويغان. باياناتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈرك سىستېمىسىدىكى مىليونلىغان خەلقنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك تەسىس قىلىنغان لاگېرلارغا قامىغانلىقى، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ تۇتقۇنلارنى قىيىن-قىستاققا ئالغانلىقى، جىنسىي زوراۋانلىق قىلغانلىقى، مېڭە يۇيۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى بايان قىلىنغان.
باياناتتا: «گېرمانىيەنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتى خەلقئارا قانۇنغا تېخىمۇ بەك رىئايە قىلىشى كېرەك. شۇڭا بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى باھالىغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېيىلگەن.
باياناتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلار قاتلىمىنىڭ نىشانلىق تەشۋىق قىلىش ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نىڭ ئېھتىياجى قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق رەھىمسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ھەرقانداق ئىجابىي سۆھبەتنى رەت قىلىۋاتقانلىقى، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆھبەتنى باشلىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقئارالىق مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەكلىكى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا خىتاينىڭ تەشۋىقات ھۇجۇملىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كومىتېتى بۇ يىل 17-مايدا ئاشكارا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1561 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق