ئارال دۆلەتلەر خۇاۋېينى رەت قىلىپ ئاۋسترالىيەدىن ياردەم سورىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى خۇاۋېينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، سۇ ئاستى نۇر كابېلى قۇرۇپ چىقىشتا ئاۋسترالىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت ناۋرۇ ئاۋسترالىيە تورىغا ئۇلىنىدىغان دېڭىز ئاستى ئالاقە نۇر كابېلى قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ناۋرۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي قۇرۇشقا باشلىغان نۇر كابېلنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي سودا ساھەسىدە نۇركابېل ئارقىلىق جاسۇسلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ناۋرۇ ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى بالدۇرلا مۇزاكىرە قىلىپ، ئەرزان باھالىق، ئەلا سۈپەتلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان دېڭىز ئاستى نۇر كابېلى ياتقۇزۇشقا مەبلەغ سېلىشتا مۇمكىن بولغان چارىلەر ئۈستىدە ئويلاشقان. يېڭى پىلان ناۋرۇدىن سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ پايتەختى خونىئاراغىچە بولغان ئارىلىقنى تەخمىنەن 1250 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نۇر كابېلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى لىنىيە ئاۋسترالىيەنى سولومون تاقىم ئارىلى ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان 4700 كىلومېتىرلىق تور مارجان نۇر كابېل سىستېمىسىغا ئۇلىنىدىكەن. بۇ لىنىيەگە ئاساسلىقى ئاۋسترالىيە مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ تۈرنى سىدنېيغا جايلاشقان ۋوكۇس گۇرۇھى قۇرۇپ چىققان. ئۇ قۇرۇلۇش ئەينى ۋاقىتتا خۇاۋېينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى خۇاۋېي دېڭىز-ئوكيان شىركىتى تەرىپىدىن رىقابەت كۈچىنى چەتكە قېقىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، 2019-يىلى تاماملانغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دېڭىز ئاستى نۇر كابېل پىلانى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي شىركەتلىرى ئەزەلدىن تور بىخەتەرلىك ساھەسىدە ياخشى تەسىرنى ساقلاپ كەلدى. "خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى" دېگەن سۆزلەر ئاساسسىز بولۇپ، خاتا نىشان بېكىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

بۇ خەۋەر 733 قېتىم كۆرۈلدى
26/06/2021 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق