ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇمنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە

خىتاي يېقىنقى يىللاردا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى جار سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قېرى-ياش دېمەستىن تۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ھاشارلارغا سېلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا قوشۇپ نازارەتنى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كېڭەيتىش، شۇنداقلا خىتايلاشتۇرۇش، قىزىللاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خەلقىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ ئېغىر زۇلۇم قىلماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم جايىدىكى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىزلىقتا بىر تۇتاش ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش كەتمەن چېپىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاشار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سىنلار ھەركۈنى دېگۈدەك تارقىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە.
يەنە بىر سىندا بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ خىتايچە قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقى، ئارقىدىن ئايالى ۋە بالىسىنىڭمۇ قوشۇلۇپ ئوپچە قىزىل ناخشا ئېيتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىنى ئەسلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن سىندىكى كىشىلەرنىڭ سولغۇن چىراي ئىپادىسى ئۇلارنىڭ بۇنى مەجبۇرىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
يەنە بىر سىندا بولسا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېتىز ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئورغاققا لازېر نۇرى ئارقىلىق ئىگىسىنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنىڭ پىچاق، قىڭراق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلىرىنىڭ سانىغا چەكلىمە قويغانلىقى، شۇنداقلا ھەممىسىگە كود قويۇپ ماڭغانلىقىدەك دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە تېپىلمايدىغان قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى تەشۋىقاتىنى قاتتىق كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئازغىنە سىنلار رېئاللىقنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1870 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2021 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق