ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 24-ئىيۇن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي ماقۇللىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 24-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي(Sen. Jeff Merkley,D-OR)بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تەستىقلىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، لايىھەنى سۇنغان ئىككىيلەندىن باشقا يەنە 51 كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى لايىھەنى قوللاپ ئىمزا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ مەقسىتى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئورتاق ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش ئىكەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار ئارقىلىق خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىش، شۇنداقلا ۋىزا چەكلىمىسى، ئىقتىسادىي جازا، ئىمپورت-ئېكسپورت كونترولى دېگەندەك تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا بېسىم قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان.
ماركو رۇبىيو 24-ئىيۇن كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭنى چوڭ ئەمگەك لاگېرىغا ئايلاندۇرماقتا. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر شەرقىي تۈركىستاندا يۈزدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى لاگېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى. تەتقىقاتچىلار مەزكۇر لاگېرغا يېقىن جايدا تەخمىنەن 1500 شىركەتنى ئېنىقلاپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا داۋاملىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركەتلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 23-ئىيۇن يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوبۇل قىلغان ياكى ئىشلەتكەن بەش خىتاي شىركىتىنى ئېكسپورت چەكلىنىدىغان ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 759 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2021 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق