يېڭى دوكلات: خىتاي ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى چەت ئەللەرگىچە كېڭەيتكەن

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئوكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى 24-ئىيۇن بىرلىكتە يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ چەت ئەللەرگىچە كېڭەيگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا 1997-يىلدىن 2021-يىلغىچە 28 دۆلەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەلىرىدىن 1546 سىگە قاراپ چىقىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قانداق باشلىنىپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغىچە تېزلىكتە كېڭەيگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى بۇ دوكلاتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جەريانىنىڭ ئەڭ ئەتراپلىق بايان قىلىنىشى دەپ سۈپەتلىگەن. دوكلاتتا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى ئىز قوغلاش، نازارەت قىلىش، تۇتۇپ قېلىش ۋە يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش قىلمىشلىرى خاتىرىلەنگەن.
ئاكۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى، دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بىرى بىرادلى جاردىن (Bradley Jardine) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر قاتتىق تەنقىدكە قارىماي ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلدى. بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ساختىپەزلىكىدىنلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىنمۇ بولغان» دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا ئىسپات سۈپىتىدە 1997-يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن 14 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ھەممىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا پاكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلاتقا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقى، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى جازا لاگېرىغا قاماشقا باشلىغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى باشقا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2021 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق