خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش قىلمىشى داۋاملاشماقتا

خىتاي كۈندىلىك خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 23-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە 45-نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرغا سولاش، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى، تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاينىڭ ساختا مەيدان، ساختا ئوبراز ياساپ چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش قىلمىشى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي 23-ئىيۇندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالتە كىشىنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان.
يىغىنىدا ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق كەنتىدىن كەلگەن دېھقان مەھمۇد تۇرسۇن ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرى»نى سۆزلەش نامىدا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇ سۆزىدە: «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاختا تېرىش، يىغىش ئىشلىرىنى ماشىنىدا قىلىۋاتىمەن. ئېتىزنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئوغۇتلىدىم. شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق» دېگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياندۇما يېزىسىدىن كەلگەن ھاجىگۈل قادىر ئۆزىنىڭ يېقىندىكى مەلۇم كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆيىدە تىككۈچىلىك قىلىپ كىرىم قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى دېگەندەك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەۋا قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات ۋە يىغىنلار ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1317 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2021 11:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق