خوڭكوڭنىڭ «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» رەسمىي توختىتىلدى

خوڭكوڭنىڭ دېموكراتچىل ئاخبارات ئورگىنى بولغان «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» 23-ئىيۇن رەسمىي تاقالغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، تۈنۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر سان گېزىتىنى چىقارغان. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»نىڭ ئاخىرلىشىشى، دەپ سۈپەتلىگەن.
قۇرۇلغىنىغا 26 يىل بولغان بۇ گېزىت دېموكراتچىل مەيدانى ۋە خىتاي رېجىمىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك يېقىنقى مەزگىللەردە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور بېسىمىغا ئۇچرىغان. 17-مارت خوڭكوڭ ساقچىلىرى «باشقا دۆلەتلەر ياكى چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش» دېگەن باھانە بىلەن ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ مۇھەررىر ۋە مەسئۇللىرىدىن بولۇپ بەش كىشىنى قولغا ئالغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ كومپيۇتېرىنى يىغىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى شىركەتنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلاتقان بولۇپ، ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ كۆپ قىسىم پېيىغا ئىگە بولغان لى جىيىڭمۇ (Jimmy Lai) خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك ھازىر تۈرمىدە ئىكەن.
ئالما كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باشقۇرۇش تارماقلىرى خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلگەنلىكى سەۋەبلىك تۈنۈگۈن گېزىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسما نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. تور بېكەت چارشەنبە يېرىم كېچىدىن كېيىن يېڭىلاشنى توختاتقان. بۇنىڭ بىلەن يۈزلىگەن ژۇرنالىست خىزمىتىدىن ئايرىلغان. بەزى مۇخبىرلار ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گېزىتنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئىستېپا بەرگەن.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي رېجىمىنىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە قاراپ، ئالما كۈندىلىك گېزىتىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولغان 1-ئىيۇلدىن ئۆتەلمەيدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرىزى ئەمەلىيەتكە ئايلانغان. گەرچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.

بۇ خەۋەر 683 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2021 11:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق