ئامېرىكا يەنە بەش خىتاي شىركىتىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 23-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان بەش خىتاي شىركىتىنى ئېكسپورت چەكلىنىدىغان ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بەش شىركەت ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېكسپورت چەكلىنىدىغان ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوبۇل قىلغان ياكى ئىشلەتكەن. بۇندىن بۇرۇن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
چەكلەنگەن شىركەتلەر قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە سانائىتىدە قوللىنىلىدىغان كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىرىستاللىق كىرېمنىي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر بەش شىركەت «خېشىڭ كىرېمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى» (Hoshine Silicon Industry Co)، «شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى»، «شىنجاڭ شەرق ئۈمىدى رەڭلىك مېتال گۇرۇھى»، «شىنجاڭ شيېشىن يېڭى ئېنېرگىيە خام ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى» ۋە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» قاتارلىقلار ئىكەن.
چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي قىسىم ۋە شىركەت-كارخانا قاتارلىق تۆت سىستېمىنى بىرلەشتۈرگەن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، نازارەت قىلىشتىكى ۋە جازا لاگېرلىرىنى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ دەپ قارىغان. ئالدىنقى يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتىمۇ دىۋىزىيە ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 800 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2021 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق