بىلىنكېن ھەرقايسى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 23-ئىيۇن بېرلىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو ماس بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىلىنكېن بۇ ھەپتە يەنە ياۋروپاغا بېرىپ، تۇنجى قېتىم گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ۋاتىكاننى زىيارەت قىلغان ۋە بىر قاتار خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان. بىلىنكېن چارشەنبە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن لىۋىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتناشقان. بىلىنكېن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو ماس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇ باياناتىدا يەنە: «شىنجاڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە، ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇنداقلا بىزمۇ خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە كىشىلەرنى باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئىشلىتەلەيدىغان تېخنىكا ياكى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلمايمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈشىچە، بىلىنكېن ھېچقانداق ئىتتىپاقداش دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما گېرمانىيەنىڭ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ۋولكىس ۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇتى بارلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 814 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2021 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق