شىۋېتسىيە سوتى خۇاۋېيغا قارىتىلغان چەكلەش بۇيرۇقنى ساقلاپ قالدى

شىۋېتسىيە سوتى 22-ئىيۇن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، خۇاۋېيغا قارىتىلغان چەكلەش بۇيرۇقنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە سوتى سەيشەنبە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە قارىتا ھۆكۈم چىقارغان بولۇپ، خۇاۋېي 5G ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە سېتىلىشىنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى چەكلەش بۇيرۇقىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا قايتىپ كېلىش ئۈمىدى سۇغا چىلاشقان.
بۇلتۇر 10-ئايدا شىۋېتسىيە ئىستىخبارات-بىخەتەرلىك ئىدارىسى خۇاۋېي شىركىتىگە قارىتا بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسى خۇاۋېي 5G ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە سېتىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، خۇاۋېي شىركىتى بۇ قارار ھەققىدە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ئىدى. شىۋېتسىيە سوتى سەيشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەندە، شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خۇاۋېينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ياۋروپانىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى كېننىس فرېدرىكسېن (Kenneth Fredriksen)رويتېرس ئاگېنتلىقىغا: «سوتنىڭ شىۋېتسىيە ئىستىخبارات-بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ پەرىزىگە ئاساسەن يەكۈن چىقىرىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. بىز شىۋېتسىيە بازىرىغا كىرىش ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك بېسىمى ئارقىسىدا ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى 5G قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىۋېتسىيەدە خۇاۋېينى چەكلەش مەسىلىسىدىكى «خاتا قارارىنى تېزدىن تۈزىتىش»نى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا بۇ ئايدا ئېرىكسونغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى باشلىشى مۇمكىنلىكىدىن شەپە بەرگەن. ئېرىكسون شىركىتىمۇ خىتايدىكى بازار ئۈلۈشىنى يوقىتىش خەۋپى بارلىقىنى تىلغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئېرىكسون شىركىتىنىڭ تەخمىنەن %10 كىرىمى خىتاي بازىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بىلەن 5G تورى ھەققىدە توختام ئىمزالىغان.

بۇ خەۋەر 771 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2021 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق