خىتاي خاككېرلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ئاشكارىلاندى

خىتاي خاككېرلىرىنىڭ جىنايەتلىرى ئاشكارىلاندى

ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، تور بىخەتەرلىك شىركىتى مەلۇم خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۇنيادىكى ئوندىن ئارتۇق تېلېگراف شىركىتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە بۇ گۇرۇپپىنىڭ خىتايغا ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان.
بوستونغا جايلاشقان سايبېرېسون تور بىخەتەرلىك شىركىتى ئۇزۇن مەزگىللىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ تور ھۇجۇملىرىنى بايقىغان بولۇپ، خاككېرلارنىڭ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تېلېفون تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، كىشىلەرنىڭ سۆزلىشىش خاتىرىسى، ئۇچۇرلىرى ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ئوغرىلىغانلىقىنى، ھۇجۇم دائىرىسىنىڭ نەچچە قىتئەگە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ APT 10 ئىسىملىك خاككېر گۇرۇپپىسى دىققەت قوزغىغان. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىككى ئەزاسى ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغرىلىغان» دېگەن سەۋەب ئەرز قىلىنغان ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2019 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق