خىتاي باچلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي دائىرىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچلېت شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھەققىدىكى باياناتىغا جاۋاب بېرىپ، زىيارەتنى قارشى ئالدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 21-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچلېت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالغان ھەمدە بۇ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ يۈيىن شۇ كۈنى مىشېل باچلېتنىڭ سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: «كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي ۋە شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەمما بۇ زىيارەت دوستانە زىيارەت بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلىشى، جىنايەت ئارتىش مەقسەت قىلىنماسلىقى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مىشېل باچلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئويى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېنىق ۋاقىت بېكىتىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 882 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2021 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق