يېڭى دوكلات: خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش مەۋجۇت

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» 21-ئىيۇن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ مەخپىي تۇتقۇن قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى باستۇرغانلىقى، بۇ قىلمىشىنىڭ ھەتتا چەت ئەللىكلەرگىمۇ ئىجرا قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
مەزكۇر تەشكىلاتتىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىلى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ساقچىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن بولۇپ، ھېچقانداق نازارەتكە ئۇچرىمايدىغان ھالەتكە كەلگەن. بۇرۇن تۇرالغۇسىدا نەزەربەند قىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، 2013-يىلى بۇ خىل دېلولار 325 ئەتراپىدا بولغان بولسا، 2020-يىلى 5800 گە يەتكەن. 2013-يىلدىن 2020-يىلغىچە بۇ خىل دېلولار تەخمىنەن 23 مىڭغا يەتكەن.
قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى دوكلات تەييارلاش جەريانىدا خىتاينىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى توپلاش ئارقىلىق، خىتاينىڭ مەزكۇر مەخپىي باستۇرۇش سىستېمىسىنىڭ نىشان بېكىتىش، كۈندىلىك مەشغۇلات، مەخپىي سوراق قىلىش ۋە قىيناش قاتارلىق ھەرىكىتىنى ئەتراپلىق بايان قىلغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەيىبلىمەي ۋە سوت ئاچماي ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشىغا، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قانۇنىي ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىسىنى چەكلىشىگە رۇخسەت قىلغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى «دۆلەت قوللىشىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان.
قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازغان مەكتۇپىدا: «مەزكۇر دوكلات دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەمدىكى مەجبۇرىي ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى خىتاي ئىچىدىكى پۇقرالىرىغىلا ئەمەس، چەت ئەللىكلەرگە ئىجرا قىلغانلىقىنى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بىر قىسىم چەت ئەللىك ژۇرنالىست ۋە سودىگەرلەر مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 824 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2021 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق