دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىرىلدى

باش شىتابى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» 20-ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ باستۇرۇشى سەۋەبىدىن چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.
مۇراجىئەتنامىدە چەت ئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېسىم قىلىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆزىدە دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا دەرھال ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە شۇنداق قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر مۇراجىئەتنامىدە يەنە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ، سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تېزلىتىشى ۋە سىياسىي پاناھلىق بېرىشتە ئۇيغۇرلارنى ئالدىن ئويلىشىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا كىملىك، پاسپورتنىڭ بولماسلىقى ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشكە توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى، تەھدىتى، كۈشكۈرتۈشى ۋە بېسىمىغا قارشى تۇرۇشى ھەمدە ئورتاق تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 905 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2021 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق