مىشېل باچلېت شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ۋاقتى ھەققىدە توختالدى

21-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچلېت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختالغان.
باچلېت ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىق ھەققىدىكى خەۋەر ۋە دوكلاتلار تارقالغان ھازىرقىدەك پەيتتە بۇ رايونغا بۇ يىل ئىچىدە كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ئويى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئېنىق ۋاقىت بېكىتىشى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستانغا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەركىن تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2021 12:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق