خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاينىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 17-ئىيۇن بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىلەردە مەسئۇلىيىتىنى ئۆز نامىغا لايىق ئادا قىلالمىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، ئىسلامنى پۈتۈنلەي چەكلەش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش، مەسچىتلەرنى چېقىش، سەككىز مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى جازا لاگېرىغا قاماش قىلمىشلىرىنى ئاڭلىماس، كۆرمەس بولۇۋالغانلىقى، بۇنى ئاز دەپ يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى، بۇ قىلمىشنىڭ 21-ئەسىردىكى چوڭ بىر سەتچىلىك ۋە پاجىئە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۇسۇف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن 13-ئىيۇن جىددىدىكى باش كاتىبات باشقارمىسىدا خىتاينىڭ جىددىدە تۇرۇش باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭنى كۈتۈۋالغان. چېن ۋېيچىڭ باش كاتىپقا ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى مەكتۇپنى تاپشۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 996 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2021 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق