خىتاي بېلگىيە پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتقا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 16-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا چاۋاب بېرىپ، سامۇئېل كوگولاتنى «يامان غەرەزدە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بېلگىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ماقۇللىغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەندىن باشقا، خىتاي دائىرىلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلدى» دەپ ئەيىبلەنگەن. بېلگىيە ئاۋام پالاتاسى يەنە خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 1-ئىيۇلدا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلاشنى قارار قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بېلگىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىخانا باياناتچىسى بېلگىيە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتىگە دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «خىتاينى قەستەن قارىلاپ ھۇجۇم قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي بۇ يىل 3-ئايدا سامۇئېل كوگولاتنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
ئامېرىكا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن بۇيان، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋانىيە ۋە چېخ پارلامېنتلىرىمۇ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماقۇللىدى. بېلگىيەمۇ ئوخشاش تۈردىكى قانۇن لايىھەسى سۇنغان ئالتىنچى دۆلەت بولۇپ قالدى.