ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەدىكى 350 دىن ئارتۇق تېببىي خادىمىغا خىتاي ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.
ھىندونېزىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە مەركىزىي جاۋا ئۆلكىسىدىكى 350 دىن ئارتۇق دوختۇر ۋە تېببىي خادىمغا خىتاينىڭ كېشىڭ (سىنوۋاك) ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئون نەچچىسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ كېشىڭ ۋە باشقا ۋاكسىنىلىرىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر تېخىمۇ كۈچەيگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تېببىي خادىملارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق بولۇپ، ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىلگەن. ئەمما ئۇندىن باشقا ئون نەچچە كىشى قىزىتمىسى ئۆرلەش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا ئاپىرىلغان بولۇپ، ئۇلاردا نەپەس سىقىلىش ئەھۋالى بار ئىكەن. ھىندونېزىيە تېببىي جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تېببىي خادىملارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك خىتاينىڭ كېشىڭ ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن.
ھىندونېزىيە ئاسىيادىكى ۋىرۇس ئاپىتىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بىر مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن، 53 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كېشىڭ شىركىتى ۋە ھىندونېزىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى مۇخبىرنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئاللىرىغا تېخى جاۋاب بەرمىگەن.