خوڭكوڭ ساقچىلىرى «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» مەسئۇللىرىنى قولغا ئالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-مارت خوڭكوڭ ساقچىلىرى «ئالما كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ مۇھەررىر ۋە مەسئۇللىرىدىن بولۇپ بەش كىشىنى قولغا ئالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» كۈچلۈك دېموكراتچىل مەيدانى بىلەن تونۇلغان ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، خىتاي ۋە خوڭكوڭ رېجىمىنىڭ ئەركىنلىكنى باستۇرغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلگەن.
ساقچىلار «باشقا دۆلەتلەر ياكى چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش» دېگەن باھانە بىلەن مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بەش مەسئۇلىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلار «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى لو ۋېيگۇاڭ، كۆچمە ئالاقە سۇپىسىنىڭ دىرېكتورى جاڭ جىۋېي، گېزىتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن پېيمىن، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ جيەنخۇڭ قاتارلىقلار ئىكەن.
خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ ساقچى باشلىقى لى گۈيخۇانىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچى ئىدارىسى پەيشەنبە ئەتىگەندە 500 دىن ئارتۇق ساقچىنى سەپەرۋەر قىلىپ ھەرىكەت باشلىغان ۋە بۇ جەرياندا مۇخبىرلارنىڭ كومپيۇتېرىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن. «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» مەسئۇللىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەب بولسا، ئۇلارنىڭ «باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چەت ئەل ئورگانلىرىدىن ياكى شەخسلەردىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى» ئىكەن.
لى گۈيخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئالما كۈندىلىك گېزىتى» 2019-يىلدىن بۇيان، چەت ئەلنىڭ خىتاي ۋە خوڭكوڭغا جازا يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان 30 نەچچە ماقالە ئېلان قىلغان. ساقچىلار يەنە «ئالما كۈندىلىك گېزىتى»گە تەۋە ئۈچ تارماق بۆلۈمنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليون 320 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى مۈلكىنى توڭلاتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئاخبارات ئورگىنىنى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» بويىچە ئەيىبلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 887 قېتىم كۆرۈلدى
18/06/2021 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق