ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېنگىرىيە پارلامېنتى تالاش-تارتىش قوزغىغان خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونى ئۈچۈن يەر ئىئانە قىلىش لايىھەسىنى تەستىقلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 15-ئىيۇن ۋېنگىرىيە پارلامېنتى بۇداپېشتتا قۇرۇلماقچى بولغان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارماق رايونىغا دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنى ئىئانە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇندىن بۇرۇن ئۆكتىچىلەر بۇ تۈرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا ۋېنگىرىيە خەلقىمۇ بۇ تەكلىپكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان فىدېز پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، دوناي دەرياسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۆت پارچە يەرنى شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ پىلانىغا مەسئۇل فوندىغا ئىئانە قىلىش قارار قىلىنغان. بۇ يەرنى ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى قىلىپ قۇرۇش پىلانلانغان ئىكەن.
ئوربان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئايدا فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىمزالىغان مەكتەپ سېلىش كېلىشىمگە ئاساسەن، يېڭى مەكتەپ 2024-يىلى پۈتكۈزۈلۈپ ئېچىۋېتىلمەكچى بولغان بولۇپ، 6000 دىن ئارتۇق ۋېنگىرىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆتۈلىدىكەن.
بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئىككى مىليارد دوللار خىراجەت ئاجرىتىلغان بۇ مەكتەپ رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
مەزكۇر لايىھەدە ھۆكۈمەت 2022-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلەر قېتىملىق سايلامدىن كېيىن، مەكتەپنىڭ چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى پىلانىنى پارلامېنتقا تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتنىڭ شەھەر باشلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەسكەرتىش مەقسىتىدە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر مەكتەپ رايونى ئەتراپىدىكى بىر نەچچە كوچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قارارغا ئاساسەن پايتەختتىكى بىر كوچىنى تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ ئىسمىغا، يەنە بىر كوچىنى «ئۇيغۇر قۇربانلىرى (شېھىتلىرى) يولى»غا، يەنە بىرسىنى بولسا «ئەركىن خوڭكوڭ يولى»غا ئۆزگەرتىش پىلانلانغان.