ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 16-ئىيۇن جەنۋەدە ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى تۆت سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باش ئەلچى تەيىنلەشكە قوشۇلغان. سۆھبەتتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ سۆھبەت ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ 2018-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىشى ئىكەن.
ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ جىددىي ھالەتلەردىمۇ يەنىلا ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن بۇ سۆھبەتنى «ئىجابىي ھەم ئۈنۈملۈك بولدى» دەپ سۈپەتلەپ، ئىككى رەھبەرنىڭ سەمىمىي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بايدېن باياناتىدا: «ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار، ئەمما ئورتاقلىق يوق ئەمەس. رۇسىيە يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى خالىمايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ يىل ئەتىيازدا ئامېرىكا رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن. رۇسىيەمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن.
خەۋەردە بايدېن بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىپ، دىپلوماتىك تىركىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى، ئىككى دۆلەت يەنە يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى قايتا باشلاشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ماھىيەتلىك ياخشىلانمىغانلىقى، تور خاككېرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تېخىچە ھەل قىلىنمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.