ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى قايتا باشلانغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە 16-ئىيۇن سەھەردە خاماسنىڭ غەززە رايونىدىكى ھەربىي نۇقتىلىرى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان. ئىسرائىلىيە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 15-ئىيۇن ئەتىگەندە غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە بىر قانچە شار قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، كۆپ قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ توقۇنۇش ئىككى تەرەپ 21-ماي ئۇرۇش توختاتقاندىن بۇيانقى تۇنجى توقۇنۇش ئىكەن، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ خاماسقا قارىتىلغان تۇنجى ھۇجۇمى ئىكەن.

ئىسرائىلىيە پارلامېنتى 13-ئىيۇن سايلام ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 60 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 59 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، بىر ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن سەككىز سىياسىي پارتىيە بىرلەشمىسى غەلىبە قىلغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 12 يىل بولغان نېتانياخۇ ھاكىمىيىتى ئاخىرلىشىپ، ھوقۇق يېڭى باش مىنىستىر نافتالى بېننېتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

يەھۇدىي مىللەتچىلىرى سەيشەنبە ئىشغال قىلىنغان شەرقىي قۇددۇسقا يۈرۈش قىلىپ، پەلەستىن خەلقى ۋە غەززە رايونىنى كونترول قىلىدىغان خاماسنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم يەھۇدىي مىللەتچىلىرى يەرلىك پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىپ «ئەرەبلەرگە ئۆلۈم» دەپ شوئار توۋلىغان.  پەلەستىنلىكلەر قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، يەھۇدىي مىللەتچىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەن شەرقىي قۇددۇس رايونىدىكى نامايىشچىلارنى ئوق چىقىرىپ باستۇرغان. نەتىجىدە 30 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلانغان، 17 كىشى قولغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 2725 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق