خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئايلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

 

17-ئىيۇن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئايلىق كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر ئايدا بىر قېتىم ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇقىم ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئالدى بىلەن قىلىنغان خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بېرىلدى ۋە قىلىنماقچى بولغان خىزمەتلەر ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ،  كېيىنكى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ خىزمەتلەردىكى ۋەزىپىلىرىنى تەقسىملىدى.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر سوتىدىن ئىلگىرىكى يىغىندا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋاللىرى، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا ئىمزالانغان، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىغا تېخى سۇنۇلمىغان «جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى»نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا قىلىنىۋاتقان ۋە قىلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر، خىتاينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تەشكىللىنىدىغان پائالىيەتلەر، شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەھرىمانماراش، كونيا، كاستامونۇ، سامسۇن، بۇرسا  قاتارلىق شەھەرلەردە، شۇنداقلا مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كېيىنكى ئايلاردا لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر سوتىغا تېخىمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇش، بۇ يىللىق خەلقئارا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسى ھەققىدىكى خىزمەتلەر، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرۇش قاتارلىق تېمىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىنغا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانمۇ قاتنىشىپ، دەۋانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور جەلال ئەرباي ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، دەۋادا مۇستەھكەم تۇرۇش، كۈچەيتىش ۋە تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلماسلىق قاتارلىق تېمىلاردا مۇھىم تەۋسىيەدە بولدى.

 

 

بۇ خەۋەر 939 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق