ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە: ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا قارشى مەيدانىنى قوللايمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە رەھبەرلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش قىلمىشقا قارشى مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە بىلەن ئاۋسترالىيە 15-ئىيۇن بىر ئەركىن سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە قاراتقان ھەيۋە كۆرسىتىش قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسوننى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، دوستلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونمۇ خىتاينى تىلغا ئالمىغان ھالدا ئاۋسترالىيە قاراتقان ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىستاش قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون سەيشەنبە ئېلىسې سارىيىدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسۇن بىلەن كۆرۈشكەندە، فىرانسىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەجبۇرلاش ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئاۋسترالىيەنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئاۋسترالىيەگە قارشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەدبىرنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە 2019-يىلى فىرانسىيە بىلەن توختام ئىمزالاپ، 12 دانە ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتى زاكاز قىلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ غايەت زور توختام توغرىسىدا بىر قاتار زىددىيەت كېلىپ چىققان بولسىمۇ، فىرانسىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۈرگە يەنىلا سادىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولسىمۇ، ئاۋسترالىيە بۇلتۇر ئاپرېلدا ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە قارىتا خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن سودا ساھەسىدە ئۆچ ئېلىشنى باشلىغان. سىدنېي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى يېقىندا ئېرىشكەن راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %80 ئاۋسترالىيەلىك «ئاۋسترالىيە خىتايغا بەك بېقىنىدۇ» دەپ قارىغان، %63 ئاۋسترالىيەلىك «ھۆكۈمەت خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك» دەپ قارىغان.

بۇ خەۋەر 845 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق