ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى خىتاي مەركىزىي بانكىسى بىلەن ئىمزالىغان پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىم سوممىسىنى كۆپەيتىلگەنلىكى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى بىلەن خىتاي مەركىزىي بانكىسى 2019-يىلى 30-مايدا ئىمزالىغان ئىككى تەرەپلىك پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى 35 مىليارد 100 مىليون لىرا ۋە 23 مىليارد يۈەن بولۇپ، مەزكۇر سومما نۆۋەتتە كۆپەيتىلىپ، جەمئىي 46 مىليارد لىرا ۋە 35 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلگەن.
كۆپەيتىلگەن پۇل سوممىسى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى ھېساباتىغا يۆتكىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ يەرلىك پۇل بىرلىكى ئاساسىدىكى سودىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەت مالىيەسىدىكى مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.