بېلگىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى»گە دۇچ كەلگەنلىكىنى بېكىتتى

15-ئىيۇن بېلگىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» دەپ بېكىتكەن.
ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پارلامېنت ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسى 1-ئىيۇل ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تەستىقلىنىشى كېرەك. بېلگىيە پارلامېنتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى نىشان قىلغان ئىدى. ئەمما ھازىرچە پەقەت ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى ئاگاھلاندۇرۇشىنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئاۋازغا قويۇش بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى بىر تارىخىي ئىلگىرىلەش بولدى» دېگەن.
ئېكولو پارتىيەسى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۈگۈنكى كۈندە زور تۈركۈمدىكى دېموكراتىك كۈچلەر بېيجىڭغا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك سىگنال ئەۋەتىۋاتىدۇ. بىز باشتا رىۋاندا ۋە سىرېبرېنىكادىن ساۋاق ئالدۇق. ئەمدى ساقلاپ تۇرمايمىز، شۇنداقلا بەك كېچىكىشتىن ئىلگىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىگە قارشى بارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىمىز» دېگەن.
بېلگىيە پارلامېنتى بۇ قارارى بىلەن ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋانىيە ۋە چېختىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان 7-دۆلەت ئاپپاراتى بولۇپ قالدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ پۈتۈنلەي «ئويدۇرما» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 816 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 10:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق