ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس سۈپىتىدە 28 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ، تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا ھۇجۇم قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا بوشلۇقىدىكى ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا يەنە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم 28 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىش بىلەن سانى ۋە تىپى جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى بىر دانە Y-8 تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئايروپىلان، تۆت دانە K-6 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان، بىر دانە Y-8 تىپلىق يىراق مۇساپىلىك ئايروپىلان، ئىككى دانە KJ-500 تىپلىق سىگنال ئايروپىلانى، 14 دانە J-16 ۋە ئالتە دانە J-11 تىپلىق قىرغۇچى ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ، تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ۋە تەيۋەننىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىغا بېسىپ كىرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يەكشەنبە كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتىن كېيىن يۈز بەرگەن.
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنى باستۇرغانلىقى ۋە تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت سالغانلىقى ئەيىبلەنگەن. باياناتتا يەنە تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەن. ئۇندىن باشقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 30 دۆلەت 14-ئىيۇن باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرگە رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتى تىنچ تەرەققىي قىلىش ئىرادىمىزگە تۆھمەت چاپلىغانلىق ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پىسخىكىسىغا قايتىشقا ئىشارەت قىلغانلىق. خىتاي تىنچ تەرەققىيات ئىرادىسىگە ئىگە بىر دۆلەت» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن: «شىنجاڭ، شياڭگاڭ ۋە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، ھېچقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.