خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەيران قالدۇرغان

ب د ت ئورگان تورىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ 12 كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارغا قارىتىلغان «ئىچكى ئەزا ئوغرىلاش» توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ مىللەت، تىل ياكى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئۆزىگە ئوخشىمىغان باشقا مىللەتلەر ئىچىدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قېنى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي تەكشۈرگەنلىكىنى، ئەمما باشقا مەھبۇسلارنىڭ بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىچكى ئەزالارنىڭ تارقىتىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەھبۇسلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى تىرىك ئەزالار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تىزىمغا ئېلىنىدىكەن.
بۇ باياناتقا ئورتاق ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئىچىدە ئادەم ئەتكەسچىلىكى، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ھوقۇقى مەسىلىلىرى، ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىلىرى، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىك مەسىلىلىرى، قىيىن-قىستاق ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە ياكى جازا مەسىلىسى قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇتەخەسسىسلەر بار ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەھبۇسلاردىن ئەڭ كۆپ ئېلىۋېلىنغان ئىچكى ئەزالار يۈرەك، بۆرەك، جىگەر، مۈڭگۈز پەردىسى قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ خىل داۋالاش خاراكتېرىدىكى ئەتكەسچىلىك قىلمىشى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى، ناركوز دوختۇرى، باشقا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ساغلاملىق ئورگانلىرىغا چېتىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىختىيارى ئەزا تەقدىم قىلىش سىستېمىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتايدا مۇستەقىل نازارەتچىلىك كەمچىل بولغاچقا، خىتاينىڭ ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ سېتىش قىلمىشى ھەققىدىكى ئەندىشە يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ جەسەتنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بېرىشنى رەت قىلغانلىقى، ئۆلگۈچىلەر ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جەسەتنى تەلەپ قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەر خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش قىلمىشىغا بولغان گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى يەنە خىتاينى مەجبۇرىي «ئورگان يىغىۋېلىش» توغرىسىدىكى تەنقىدلەرگە تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمىنىڭ مۇستەقىل نازارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇتەخەسسىسلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە مېخانىزمىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدىكى مەخسۇس مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىلىرى ئەمەس بولۇپ، ھەر قانداق ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلاتتىن مۇستەقىل ھالدا، ھەق ئالماي خىزمەت قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 628 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 09:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق