ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش يېڭى قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھەققىدە يېڭى قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش چاقىرىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئېلىس سىتېفانىك ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى روبېرت ۋىتمان 15-ئىيۇن خىتاي ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويمىغۇچە، خىتاي سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش قىلمىشىغا چېتىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە پىرېزىدېنتتىن ماگنىتىسكىي قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ۋىرۇس يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى پاش قىلغۇچىلارنىڭ ۋە خەلق مۇخبىرلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە، يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سۆز ئەركىنلىكى ۋە تەتقىقات ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گاۋ فۇ ۋە سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شياۋۋېيغا جازا يۈرگۈزۈش نۇقتىلىق تەلەپ قىلىنغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئەمەلدارلارغا بېرىلىدىغان جازا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ياكى ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەش ۋە قولىدىكى ۋىزىنى بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
پارلامېنت ئەزاسى سىتېفانىك بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ۋىجدانغا قارشى ھەرىكەتلىرىدىن ھېساب بەرگۈزۈشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى، خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى ۋە ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى يوشۇردى. خىتاينىڭ قىلمىشى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر قىلدى. جۈملىدىن 600 مىڭغا يېقىن ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر قانداق يوسۇندا ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەتراپلىق ۋە توسالغۇسىز تەكشۈرۈش كېرەك» دېگەن.
ئالدىنقى كۈنلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئوتتۇرىغا قويغان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 719 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2021 09:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق