خىتاي بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى

خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى (CTGN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ئىنكاس قايتۇرغان.
خىتاي باياناتتا يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەيىبلەشتە پاكىتنى بۇرمىلىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان.
باياناتتا يەنە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىتابنامىسىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان تەنقىدىنىڭمۇ «ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكى» قەيت قىلىنغان بولۇپ، «يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك تۆھپە قوشقان خىتاي چەت ئەل كارخانىلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئادىل سودا مۇھىتى تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا» دېيىلگەن.
خىتاي يەنە خىتاي ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى قايتا تەكشۈرۈش چاقىرىقى ھەققىدىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تەتقىقاتقا توسقۇنلۇق قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنى بۇ دۆلەتكە ئىككى قېتىم تەكلىپ قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بىر قىسىم دۆلەتلەر قارار چىقىرىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ھاكاۋۇرلارچە ئىنكاس قايتۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2021 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق