‎مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 12 رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى


‎ئەلجەزىرە تورىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىسىر سوت مەھكىمىسى «رابىئە مەيدانى ۋەقەسى» سەۋەبلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار (ئىخۋانۇل مۇسلىم) تەشكىلاتىنىڭ 12 رەھبىرىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
‎خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆلۈمگە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار تىزىملىكىدە ئابدۇراھمان ئەلبىر، مۇھەممەد ئەل بەلتاجى، سەفۋەت ھىجازى، ئۇسامە ياسىن، ئەھمەد مۇھەممەد ئارىف، ئىيھاب ۋەجدى مۇھەممەد، مۇھەممەد ئابدۇراھمان ئەل فارماۋى، مۇستاپا ئابدۇراھمان ھۈسەيىن فارماۋى، ئەھمەد فارۇق كامىل مۇھەممەد، ھەيسەم سەيىد ئەرەبى مەھمۇد، مۇھەممەد مەھمۇد ئەلى زىناتى، ئابدۇل ئەزىم ئىبراھىم مۇھەممەد ئەتىيە قاتارلىقلار بار ئىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھۆكۈم ئاخىرقى قارار بولۇپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا بولمايدىكەن.
‎سوت مەھكىمىسى يەنە 31 جاۋابكارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا چۈشۈرگەن. قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى ئىلگىرى سەفۋەت ھىجازى، مۇھەممەد ئەل بەلتاجى، ئەسسام ئەلئەرىيان، ئابدۇراھمان ئەلبىر، تارىق ئەل زۇمەر، ئەسسام ئابدۇل-ماجىد، ئەمرۇ زەكي، ئۇسامە ياسىن، ۋۇجدى غۇنەيم قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.
‎تەشكىلات يېتەكچىسى مۇھەممەد بەدىيئ ۋە مەرھۇم سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلدە تەمىنلەش مىنىستىرى بولغان باسىم ئەۋدىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا 374 كىشىگە 15 يىللىق جازا ئېلان قىلغان. مەرھۇم سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئوغلى ئۇسامە مۇھەممەد مۇرسى ۋە باشقا كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 كىشىگە ئون يىللىق جازا ھۆكۈم قىلغان.
‎مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2013-يىلى يۈز بەرگەن «رابىئە ۋەقەسى»دە 670 كىشى قازا قىلغان، تەخمىنەن 4400 كىشى يارىلانغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، مىسىر بىخەتەرلىك قىسىملىرى «رابىئە ۋەقەسى»دە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2021 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق