‎چېخ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ ئاتىدى


‎10-ئىيۇن چېخ جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ سۈپەتلىگەن.
‎چېخ جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پاۋىل فىشېر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان زىيانكەشلىك قىلمىشىغا سۈكۈت قىلالمايمىز» دېگەن. يىغىندا يەنە خىتاينى دىپلوماتىيە جەھەتتىن بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى چەكلەش قىلمىشىغا قارشى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
‎خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە لىتۋانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، چېخ مەزكۇر قارارى بىلەن ئالتىنچى دۆلەت بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2021 18:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق