‎خىتاي«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»گە يەنە ھۇجۇم قىلدى


‎جۇڭخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى» 12-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلغان.
‎4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئېچىلغان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، 9-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
‎ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى» 12-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىن كەلگەن، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەن» دەپ دەۋا قىلىنغان بىر قانچە كىشى قاتناشتۇرۇلغان.
‎بۇلارنىڭ قاتارىدىن خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى مەدەنىيەت سارىيى ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى مەمەت ئېزىز ئۆمەرجان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا سۆز قىلىپ: «تەربىيەلەش مەركىزىگە كىرىپ چىققاندىن كېيىن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن قۇتۇلدۇم، تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەتكە ئاسان ئورۇنلاشتىم، تۇرمۇشۇم بەختلىك، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى قەستەن يالغان ئىسپات ئويدۇرۇپ، تەربىيەلەش مەركىزىگە قارا چاپلىدى، ئۇلار ئارتىسلار...» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
‎كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارادا كۈچەيتىۋاتقان قېلىپلاشقان تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۆھمەتلەرنىڭ ساختىپەزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 751 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2021 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق