‎ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيە خىتاينىڭ G5 ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى


‎ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئالبانىيە يېڭى كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتاينىڭ G5 ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكتە بىرلىككە كەلگەن.
‎خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 13-ئىيۇن بىريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما (Edi Rama) بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن 4G ۋە 5G تورى ھەققىدىكى يېڭى بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.
‎ئانتونى بىلىنكېن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا مۇخبىرلارغا: «ئىككى تەرەپ بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ، ئىشەنچلىك تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرگە ياخشى ئۈلگە تىكلىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
‎ئېدى راما بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئالبانىيە ئامېرىكا تەرەپتە تۇرغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. مەن ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنى بۇ سەپكە قوشۇلۇشقا قايىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
‎مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سابىق مىنىستىر مايك پومپېيونىڭ باشچىلىقىدا يەرشارى خاراكتېرلىك «پاكىز تور» تەشەببۇسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تېلېگراف شىركەتلىرى، ئەپ دېتاللىرى، ئەپ بازىرى، بۇلۇت مۇلازىمىتى ۋە سۇ ئاستى كابېلى قاتارلىق بەش چوڭ ساھەنى پۈتۈنلەي تازىلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئىشەنچسىز دەپ قارالغان خىتاينىڭ مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تازىلاش پىلانىغا ئەگىشىشكە چاقىرغان. ئەنگلىيە، چېخ، پولشا، شىۋېتسىيە، ئېستونىيە، رومىنىيە، دانىيە ۋە لاتۋىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەت ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسىغا ئەگەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، G5 تورىدا «ئىشەنچسىز» تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى تاللىغان. فىرانسىيە، ھىندىستان، ئاۋسترىيە، كورىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي رېجىمىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان. كانادادىكى ئۈچ تېلېگراف شىركىتىمۇ خۇاۋېي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2021 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق