‎ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا خىتاي ۋەكىل تەيىنلەندى

 

‎ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا خىتايدىن بىر ۋەكىل تەيىنلەنگەن.

‎خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۇسۇف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن 13-ئىيۇن جىددىدىكى باش كاتىبات باشقارمىسىدا خىتاينىڭ جىددىدە تۇرۇش باش ئەلچىسى چېن ۋېيچىڭنى كۈتۈۋالغان. چېن ۋېيچىڭ باش كاتىپقا ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدىكى مەكتۇپنى تاپشۇرغان.

‎ئۇچرىشىشتا چېن ۋېيچىڭ خىتاي بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا، «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق»قا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇسەيمىنمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ پىكىرنى قوللايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1228 قېتىم كۆرۈلدى
15/06/2021 18:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق